NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى: نېكس كوماندىسى 111-125 قەھرىمانلار كوماندىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، قەھرىمانلار كوماندىسى يېقىنقى 10 قېتىملىق نېكس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توققۇز قېتىم غەلىبە قىلىپ، بىر قېتىم ئۇتتۇرغان، بۇ پەسىللىك تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىدە، كۇررىي 32 نومۇر ئېلىپ، قەھرىمانلار كوماندىسى نېكس كوماندىسىنى يەڭگەن. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا نېكس كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن تۇنجى چارەك مۇسابىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشتى، كېيىنكى ۋاقىتتىمۇ نېكس كوماندىسى داۋاملىق قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، 64-63 نەتىجە بىلەن يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇردى. 

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىر قاتار تەڭشەشتىن كېيىن، قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋېلىپ، ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، نېكس كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى، ئاخىرقى باسقۇچ مۇسابىقىدە قەھرىمانلار كوماندىسى نومۇر پەرقىنى 20 گە يەتكۈزدى، كېيىن مەيدان كونتىرول قىلىپ ئويناپ، ئاخىرىدا قەھرىمانلار كوماندىسى 125-111 نەتىجىدە نېكس كوماندىسىنى يەڭدى. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قەھرىمانلار كوماندىسىدىن كۇررىي 21 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم يارەمچى پاس بەردى، تامپسون 26 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، دۇرانت 22 نومۇر، توققۇز گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، گرېن 10 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، مەكگې 10 نومۇر ئالدى، ۋېست 11 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 

    نېكس كوماندىسىدىن مۇدىياي 23 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، خارداۋراي 14 نومۇر ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، كانتېر 10 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، نتىلىكىنا 13 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئوكۇيىن 14 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، باركې 18 نومۇر ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.