NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى: سېرىق ھەرە كوماندىسى 118-103 بۇقا كوماندىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئۇدا تۆت مەيدان مەغلۇپ بولغان بۇقا كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، بۇ پەسىلنىڭ ئالدىدىكى ئىككى قېتىملىق ئىككى كوماندا ئۇچرىشىشىدا بۇقا كوماندىسى تولۇق غەلىبە قىلغان. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا ئىككى تەرەپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، سېرىق ھەرە كوماندىسى 51-51 نەتىجىدە تەڭلىشىپ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىگە قەدەم قويدى. 

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خوۋارد يەككە چارەك مۇسابىقىدە 16 نومۇر ئېلىپ، سېرىق ھەرە كوماندىسى توققۇز نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە سېرىق ھەرە كوماندىسى بۇقا كوماندىسىغا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەي، ئاخىرىدا سېرىق ھەرە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 118-103 نەتىجىدە بۇقا كوماندىسنى يېڭىپ، قىساسىنى ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇدا بەش مەيدان غەلىبە قىلدى، بۇقا كوماندىسى بولسا ئۇدا بەش مەيدان مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سېرىق ھەرە كوماندىسىدىن خوۋارد 24 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ۋالكېر 31 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، مارۋىن ۋىللىيامس 14 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بارتۇم 10 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، كاممىنس 11 نومۇر ئالدى. 

    بۇقا كوماندىسىدىن لاۋىنې 21 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ۋالېنتېن 14 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ماركانېن 11 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ڧېلىسىيو 12 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، دۇن 10 نومۇر ئالدى، نۋابا 11 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، پورتىس 12 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.