NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى: چەۋەندازلار كوماندىسى 129-123 تور كوماندىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، ئىككى كوماندا بۇ پەسىلدە بىر قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ، جامېس 33 نومۇر ئېلىپ، چەۋەندازلار كوماندىسى غەلىبە قىلغان. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ تور كوماندىسىدىن كارول بەش مىنۇتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا 10 نومۇر ئېلىپ، تور كوماندىسىنى ئاۋۋال ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى، ئارقىدىن چەۋەندازلار كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ، نومۇر ئاشۇردى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا تور كوماندىسى ئىپادىسىنى قايتىدىن جارى قىلدۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە جامېس ۋە ئوسمان قاتارلىقلار ئۇدا نومۇر ئېلىپ، چەۋەندازلار كوماندىسى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن ئۈستۈنلۈك ئورنىغا چىقتى، ئاخىرىقى باسقۇچ مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، چەۋاندازلار كوماندىسى كىچىككىنە نومۇر پەرقىنى ساقلاپ قېلىپ، ئاخىرىدا 129-123 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى. تىلغا ئېلشىقا ئەرزىيدىغىنى بولسا، جامېس NBA تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ 30000 نومۇر، 8000 گاردىن قايتقان توپ ئالغان ۋە 8000 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن توپچىغا ئايلاندى. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تور كوماندىسىدىن رۇسسېل 25 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، كارول 16 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، جېڧڧېرسون 14 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، دىنۋىددىې 11 نومۇر ئېلىپ، 11 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، كراببې 13 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئاللېن 13 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، لېۋېرت 18 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 

    چەۋەندازلار كوماندىسىدىن جامېس 31 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 11 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھىل 16 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، تومپسون بەش نومۇر، 13 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، كوۋېر 18 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى، كلاركسون 14 نومۇر ئالدى، خود 14 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئوسمان يەتتە نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى، نانسې 10 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.