دىنا چارلېزنىڭ يوقلۇقى بىلىندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : CBA
  • ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ:

     ئامېرىكا دۆلەت كوماندىسىغا كاپىتان بولغان، ئامېرىكا ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تونۇلغان دىنا چارلېز گەرچە شىنجاڭ «تەنتەربىيە لاتارىيەسى» كوماندىسى بىلەن توختاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما يارىسى ساقايمىغاچقا تېخىچە مۇسابىقىگە چۈشەلمىدى، شۇڭا شىنجاڭ «تەنتەربىيە لاتارىيەسى» كوماندىسىنىڭ دائىملىق مۇسابىقىدىكى نەتىجىلىرى تەسىرگە ئۇچرىدى.

    جۇڭگو ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلانمىسىدا شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسى بىر مەيدان يېڭىلگەنىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ھەمكارلىشىش ئويناپ ئىككى مەيدان غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 20- نويابىردىكى 4- ئايلانما مۇسابىقىدە يەنە بەش نومۇر پەرق بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.

    مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە رىتىمىغا ماسلىشىشى ياخشى بولغانىدى، ھەتتا ئۇلار ئۈچ نومۇرلۇق توپ بىلەن رەقىبىدىن ئېشىپ كەتكەن، بىراق ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ساھىبخان گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ چەت ئەللىك ماھىرى تېخىمۇ كۆپ نومۇر ئېلىپ، نومۇر پەرقىنى ئوندىن ئاشۇردى، ھەتتا مۇسابىقە ئاياغلاشقۇچە بۇ ئىككى خانىلىق پەرق ئۆزگەرمىدى. گەرچە ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى قاتتىق تىركىشىپ نومۇر پەرقىنى بەشكە چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رەقىبىنى يېڭىشكە ئامال قىلالمىدى ۋە 79:74 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

    22-نويابىر شىنجاڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-ئايلانما مۇسابىقىدە، شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى شېنياڭ ھەربىي قىسىم كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ئىدى. گەرچە بۇ كوماندىدا بىرمۇ چەتئەللىك ماھىر بولمىسىمۇ، ئەمما  مۇسابىقە ئاخىرقى مىنۇتلارغا قەدەم قويغۇچە كەسكىن ۋە جىددىچىلىك ئىچىدە ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرقى نەچچە مىنۇت قالغاندا شىنجاڭ كوماندىسى ئېچىلىپ كېتىپ، مۇداپىيەدە چىڭ تۇرۇش بىلەن تەڭ ئۆزلىرى تېز سۈرئەتتە نومۇر ئېلىپ نومۇر پەرقىنى زورايتىۋالدى. نەتىجىدە مۇسابىقە 81:97 نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىپ، غەلىبە شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسىغا مەنسۈپ بولدى.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.