2019-يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى: جۇڭگو 72-83 يېڭى زېللاندىيە
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : CBA
  • خۇپۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا يېڭى زېللاندىيە ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يېڭى زېللاندىيە كوماندىسى مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ، قايتۇرما ھۇجۇم ئارقىلىق جۇڭگو كوماندىسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. مۇسابىقە ئاخىرىدا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئۇدا خاتالىق سادىر قىلىشى بىلەن يېڭى زېللاندىيە كوماندىسى بارغانسېرى ئېچىلىپ كەتتى، ھەم سەككىز نومۇر پەرقى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرۇسىدا سۈركىلەشلەر بولدى، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ نومۇر تەڭلەشتۈرۈش ئۈمىد قالمىدى، ئاخىردا جۇڭگو كوماندىسى 72-83 نەتىجىدە رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسىدىن يى جيەنلىيەن 37 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، جوۋ پېڭ 17 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى، خەن دېجۈن ئالتە نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى، لى گېن بەش نومۇر ئالدى. 

    جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلى: خەن دېجۈن، جۇ يەنشى، جوۋ پېڭ، ۋۇ چيەن، گو ئەيلۈن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.