ئوسالىۋېن شىمالىي ئىرېلاندىيە سىنوك ئاشكارا مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎8ئاي ئىلگىرى تۈرى : بېليارت
  • ئۈرۈمچى ۋاقتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى شىمالىي ئىرېلاندىيە 2017-يىللىق سىنوك ئاشكارا مۇسابىقىسى بىر كۈندە ئىككى قېتىم مۇسابىقە ئويناش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، «راكىتا»ئوسالىۋېن ئويلىمىغان يەردىن نامى چىقمىغان ماھىر سلېسسورغا 4:1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭدىن باشقا تاق ئۇرۇشتا 142 نومۇر، 107 نومۇر، 135 نومۇر ئالغان بولسىمۇ «پىرخون» خىگنىس ۋېلسوننىڭ 3:4 نەتىجىدە ئۆزىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشىدىن ساقلىنالمىدى، 1975-يىلى تۇغۇلغان ماھىرلاردىن 2 ماھىر 3-ئايلانمىدا شاللىنىپ كېتىشكە ئۇچرىدى، «ئالتۇن سول قول» ۋىليامىس بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئۇدا 2 قېتىم غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 8 كۈچلۈك ماھىر ئىچىگە كىرگەن 1975-يىلى تۇغۇلغان بىردىنبىر ماھىر بولۇپ قالدى.
    بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئوسالىۋېننىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىدى، تاق ئۇرۇشتىكى نەتىجىسى ھەتتا 50 نومۇرغىمۇ يەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن نامىمۇ چىقمىغان ئېنگلاندلىق ياش ماھىر سلېسسورغا 1:4 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى، مۇسابىقىدىن كېيىن ئوسالىۋېننىڭ كەيپىياتى يەنىلا خۇشال ھالەتتە بولدى ئۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:
    «مەن بىر مىليون فوندستېرلىڭ مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال، ھەممىسىلا ئەخمىقانە باش بەت خەۋەرلىرى، بىمەنە، مەن ئىزچىل تىرىشقان بولساممۇ ئەمما يەنىلا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەندىنمۇ ئۆتە ئىش بولدى.»
    شىمالىي ئىرېلاندىيە سىنوك ئاشكارا مۇسابىقىسى 4 بېكەت ئەنگلىيە يەرلىك مۇسابىقىلىرىنىڭ 2-بېكىتى بولۇپ، 4 بېكەتنىڭ ھەممىسىدە چېمپىيون بولغان ماھىر مۇكاپاتتىن سىرت يەنە بىر مىليون فوندستېرلىڭ زور مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما ئوسالىۋېن پەقەت 10-مەيداندا قەدىمى توختاپ قالدى 28 مەيدان تولۇق غەلبىگە ئېرىشىشنىڭ يېرىمىگىمۇ يېتەلمىدى.
    دېمىسىمۇ يېقىنقى بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئوسالىۋېن سىنوك ماھىرلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىراش ماھىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۆزىگە يېرىم يىل دەم ئېلىش بەرگەندىن كېيىن، ئۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن سىنوك ساھەسگە قايتىپ كەلدى، 3 رەت-تەرتىپ مۇسابىقىسىدە 2 قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە «تاجنىڭ تاجى» مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، قىسقىغىنە نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۇ جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا 2 قېتىم بېرىپ-كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئاساسەن يەر شارىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىققاندەك بولدى.
    «مۇسابىقىلەردىن زېرىكىپ قالغاندەك قىلىمەن، توختىماستىن ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىقىش، بىر مېھمانسارايدىن يەنە بىر مېھمانسارايغا ئالمىشىش، بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە بېرىپ-كېلىش، مېنى چارچىتىپ قويغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن.»
    ئوسالىۋېن زىيارەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئاچكۆز ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئوسالىۋېن يەنە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەيدانى ۋە مەيدان ھاۋاسىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا ناچار بولغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
    بۈگۈنكى 3-ئايلانما مۇسابىقىدە «پىرخون» خىگنىس ۋېلسون بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا ۋېلسوننىڭ 3:4 نەتىجە بىلەن ئۆزىنى مەغلۇپ قىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.
    1975-يىلى تۇغۇلغان 3 ماھىر ئىچىدىكى «ئالتۇن سول قول» ۋىليامىس ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بۈگۈنكى مۇسابىقىدە باشتا 1:4 نەتىجە بىلەن تايلاندلىق ماھىرنى مەغلۇپ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە 2:4 نەتىجە بىلەن گېلبوتنى مەغلۇپ قىلىپ، 8 كۈچلۈك ماھىر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، شۇنىڭ بىلەن 1975-يىلى تۇغۇلغان 3 ماھىر ئىچىدە بىردىنبىر 8 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن ماھىر بولۇپ قالدى.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.