جوشىيا كىلىچكونى ئاگاھلاندۇرۇپ ياكى سەن مېنى يىقىتىسەن، بولمىسا مەن سېنى يىقىتىمەن دېدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎10ئاي ئىلگىرى تۈرى : بوكىس
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالغۇچى ئانتونى جوشيا 4 ـ ئايدا ئىنتايىن خەتەرلىك مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈردى، 11 ئايلانما مۇسابىقىدە بوكس شاھى كىچىك  كىلىچكونى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلا قېتىمدا WBA،IBO،IBF ئېغىرلىقلار دەرىجىسى بويىچە چېمپىيون بولۇپ ئۈچ ئالتۇن بەلۋاغقا ئېرىشتى.

    جوشىيا بەشىنچى ئايلانمىدا كىلىچكونى يىقىتىدۇ، ھەم شۇ مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئاندىن ئالتىنچى قېتىملىق ئېلىشىشتا كىلىچكو تەرىپىدىن ئېغىر ئۇرۇپ ياتقۇزۋىتىلىدۇ، ئۇ چاغدا كىلىچكو جوشىيانى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان ۋاقىتتا، جوشىيا ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ ياكى ئويۇننى ئاخىرلاشتۇر، ياكى بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزۈڭ ئىگە بولىسەن دېدى.

    «قۇياش گېزىتى» (the san) دىكى خەۋەرگە قارىغاندا جۇشىيا مۇنداق دېگەن: «مەن كىلىچكو ماڭا سوقۇلغاندىن كېيىن پەقەتلا ئۇنىڭغا شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدۇم، ئەگەر سەن مېنى بۇ مەيدان مۇسابىقىدا ئۆتكۈزۈۋەتسەڭ، مەن سېنى ئىشتانغا چىقىرىۋەتكۈدەك ئۇرىمەن.»

    «بۇ پەقەت مېنىڭ قەلبىمدىكى بىر جەڭچى، ماڭا جەڭ قىلىۋاتقىنىمنى ئىشەندۈرىدۇ. مېنىڭ تېرېنىرىم ماڭا ئەزەلدىن بىر ئىشنى ئۆتۈپ باقمىغان، ئۇ بولسىمۇ مۇشتنى قانداق ئېتىش، ئاندىن 10 سىكۇنت يېتىپ، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇش. ئۇ ئەزەلدىن كالتەك توپ كالتىكى كۆتۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كەلگەن ئەمەس، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز سىزنىڭ ئېڭىكىڭىزگە 10 قېتىم ئۇرۇپ ياتقۇزۇش، ئاندىن تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىغا قاراش. لېكىن كىلىچكو مۇسابىقە ۋاقتىدا بۇ ياشنى بىر تەرەپ قىلالمىدى.»

    جۇشىيا 11 ـ قېتىملىق مەيداندا كىلىچكونى ئىككى قېتىم قويۇۋەتتى، كېيىن ئارقىمۇ ـ ئارقا ئېغىر مۇشت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كىلىچكونى ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا مەجبۇرلىدى.

    جوشىيا مۇنداق دېدى: «ئۇخىل ئەھۋال ئاستىدا سىز ئۇرۇش ياكى ئۇچۇش ھالىتىدە تۇرىسىز، ئەمما ئۇ كۈنى مېنىڭ كىلىچكوغا بولغان چۈشەنچىمچە بولغاندا، مېنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر مىجەزىم بار، ھېچكىم مەشىق جەريانىدا سىزگە نەرسە ئۆگەتسە بولمايدۇ.»

    «سىز بىر مۇشت بىلەن سىزنى يىقىتالايدىغان ئادەمگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، كۈچ ۋە سۈرئەتنىڭ كۈچى سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىز ئىنتايىن ناچار. ئۆتكەن سەككىز يىل ئىچىدە شۇ قېتىملىق جەڭ مېنىڭ مەشىق قىلغىنىمنىڭ بارلىقى، مانا بۇ مەن ۋە كىلىچكو، مانا بۇ مېنىڭ پەخرىم.  بوكىسقا كەلسەك، مەن ھەرقانداق ئىشنى كاللامنىڭ ئارقىغا تاشلاپ، پۈتۈن دىققىتىمنى ئۇنىڭغا قارىتىمەن. مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر كىشى بىلەن ئۇرۇشۋاتقان چاغدا، پەقەت ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلا مېنى مەغلۇپ قىلالايدۇ.» 

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.