شاكىچىك بوكسچىلىرىمىز ئالتە ئالتۇن مېدال ئالدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎5ئاي ئىلگىرى تۈرى : بوكىس

  • ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ: تۇنجى نۆۋەتلىك «شەھەر لوڭقىسى» ياش - ئۆسمۈرلەر تەكلىپ مۇسابىقىسى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زىبۇ شەھىرىدە بەش كۈن داۋاملىشىپ 20- نويابىر ئاياغلاشتى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن ئون ئوغۇل ۋە قىز ماھىر بۇ مۇسابىقىگە چۈشۈپ ئالتىسى چېمپىيون، بىرى 2-، يەنە بىرى 3- بولدى.

    2017- يىللىق «شەھەر لوڭقىسى» ياش - ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ، خېبېي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 300 نەچچە بوكسچى قاتناشقان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭدىن سەككىز ئوغۇل، ئىككى قىز بوكسچى بار ئىدى. بەش كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىدە ئەلقۇت، خالمۇرات، ۋاڭ چاۋشېڭ، مەردان، مەنسۇر ۋە گۈلجاينار (قىز) ئۆز ئېغىرلىق ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئىبراھىم بىلەن زىبىبۇللا ئۆز ئېغىرلىق ئايرىمىسىدا 2- ۋە 3- بولدى.

     شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مۇنداق دېدى: «بوكس تەنھەرىكىتى مەشىقتىن بەكرەك ئەمەلىي مۇسابىقىنى تەلەپ قىلغاچقا، ئەمەلىي تەجرىبە كەم بولسا ياش - ئۆسمۈرلەرنى تاۋلاش مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا شىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشكە كۈچەپ كەلدى. مەسىلەن: مۇھەممەد تۇرسۇنچوڭنى 2004- يىلى دۆلەت ئۆسمۈرلەر كوماندىسى بىلەن بىللە ۋىيېتنامغا چىقىرىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھەممەد قاتارلىق بوكسچىلىرىمىزمۇ ئەنە شۇنداق ئۆسمۈرلەر، ياشلار مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ پىشىپ يېتىلگەن، شۇڭا ياش - ئۆسمۈر بوكسچىلىرىمىز ئىزچىل تۈردە مەملىكەتلىك بوكس مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان بوكسچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نەتىجىگە ئېرىشتى، بىز بەك خۇش بولدۇق. ئىشىنىشكە بولىدۇكى، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇلارمۇ ‹جۇڭگو بوكس پادىشاھلىقى› نى تالاشقۇدەك سەۋىيەگە يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بوكس سەھنىسىدە پارلىغان يۇلتۇزلارغا ئايلىنىدۇ».


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.