شىنجاڭلىق چېلىشىش ماھىرى پەرىخە دۆلەت كوماندىسى بىرلىكتە دۇنيا لوڭقىسىغا يۈرۈش قىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : باشقىلار
  • مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار چېلىشىش كوماندىسىدىكى سەككىز ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتە ئالتۇن مېدال، بىر مىس مېدال ۋە بىر كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە لېيچۈن، بېي شىڭرۇ، سۇڭ نىڭنىڭ، جۇفېڭ، خەنيۆ، جۇ جىڭيۇڭ قاتارلىقلار 50، 57، 59، 68، 72، 76 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېقىنقى ئالتە يىلدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. 

    2018-يىللىق ئاياللار چېلىشىش دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ياپونىيەنىڭ گوكىدا باشلىنىدۇ، جۇڭگو ئاياللار چېلىشىش كوماندىسى 15-چېسلا ياپونىيەگە يۈرۈش قىلىدۇ. ئاساسلىق ئەزالار بولسا سۈن يانەن، ئوۋياڭ جۈنلىڭ، جاڭچى، بېي شىڭرۇ، سۇ نىڭنىڭ، لو شياۋجۈەن، شۈشىن، جۇفېڭ، ۋاڭجۈەن، جۇجىڭ. زاپاس ئەزالار بولسا جۇجياڭ، ليۇ يۈجياۋ، شې مىڭيۈ، ياڭنەن، باۋ لىڭلىڭ، تاڭ چۇخې، سۈن شىنيۈەن، خەنيۆ، يەن چۇچۇ، پەرىخە. دۆلەتلىك ئاياللار چېلىشىش كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى شۈ كۈييۈەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«بىز ئىلگىرى كۆپ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، لېكىن يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان چېمپىيونلۇقتىن يىراقلىشىپ كەتتۇق. بۇ قېتىم ياپونىيە ساھىبخان مەيداندا مۇسابىقىلىشىدۇ، چوقۇم ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلىنى قوللىنىدۇ، لېكىن بىزنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قايتۇرۋىلىشقا ئىشەنچىمىز بار. ھەربىر دەرىجىلىكلەردە بىر ئاساسلىق ئەزا، بىر زاپاس ئەزا ماھىر بار، گەرچە بىز چوقۇم گۇرۇپپىدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرسەك ئاندىن چېمپىيونلۇقنى تالىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشسەكمۇ، لېكىن بەزى مەيدان مۇسابىقىلەردە غەلبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ياش ماھىرلارغا چېنىقىش پۇرسىتى بېرىمىز».

    شىنجاڭلىق ياش ماھىر پەرىخە ئىلگىرى 2017-يىلى ئاسىيا قىتئەسى ئاياللار چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئەركىن چېلىشىش تۈرىنىڭ 75 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.